text
stringlengths
16
1.29k
label
int64
0
1
ۋەتەنپەرۋەرلىك بىزنىڭ مىللىي روھىمىزنىڭ يادروسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، توختىماي ئالغا بېسىشتىكى مەنىۋى رىشتىسى.
1
«بۇ قېتىم تىجارەت كىنىشكىسىنى بېجىرىشكە بارغاندا، مەن سۈرىتىمنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ئىلگىرى بولغان بولسا، مەن چوقۇم يەنە بىر قېتىم قاترىغان بولاتتىم.
1
جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ شانلىق مۇساپىسىدە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى «پارتىيە چاقىرغان ھامان ئىتتىپاق ھەرىكەتكە كېلىش»تەك ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ياشلارنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىپ، ياشلارنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللىرىدە پائال تۆھپە قوشۇپ، مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.
1
قوشنىلار كېلىپ ياردەملەشتى، ئۇ ئالايىتەن يېڭى كىيىم كىيىپ، يېڭى ئۆيىگە ئالغان ئۆي جاھازلىرى ۋە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى تونۇشتۇردى، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن بەخت تۇيغۇسى ئۇرغۇپ تۇراتتى.
1
بىز باراۋەر بولۇش ۋە ھۆرمەتلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەكەببۇرلۇقنى ۋە بىرتەرەپلىمە قاراشنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئۆز مەدەنىيلىكىمىز ۋە باشقا مەدەنىيلىكنىڭ پەرقىگە بولغان تونۇشىمىز، چۈشەنچىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، سۆزلىشىش، ئىناق بىللە ئۆتۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
1
ئۇ بۇ يىل قەشقەر ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تولۇق ئىشەنچ باغلىدى، ئۆزىنىڭ تىجارىتىگىمۇ تولۇق ئىشەنچكە تولدى.
1
ساياھەت گۈزەللىكنى ئىزدەش، گۈزەللىكنى بايقاش، گۈزەللىكنى ھېس قىلىش جەريانى.
1
بۇ يىڭنىڭ رازۋېدكا 2-ليەنى رازۋېدكا قەھرىمانى ياڭ زىروڭ ھايات ۋاقتىدا تۇرغان ليەن ئىدى، مەركەز بۇ لىيەنگە «قەھرىمان رازۋېدكا ليەنى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن.
1
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى ۋەكىللىك زاتلار بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا كۆڭۈل بۆلدى، غەمخورلۇق قىلدى، بىز چىن قەلبىمىزدىن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز.
1
بىز ھەم ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيلىكىنى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدۇرۇشىمىز، ھەم باشقا دۆلەتلەر مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىشىمىز، دۇنيا مەدەنىيلىكى گۈلزارلىقىنى رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن تولدۇرۇشىمىز كېرەك.
1
نۇرقانات سەيدۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ سەككىز سائەت پويىزغا ئولتۇرۇپ مۇسابىقىگە قاتناشقىلى كەلگىنىمىز بىكارغا كەتمىدى.»
1
جۇڭگو تەرەپ مالايسىيا تەرەپنىڭ كېلەر يىلى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى ياخشى قىلىشىنى، رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى قوللايدۇ.
1
مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئومۇميۈزلۈك دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە، بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ پەسەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئىناۋەتلىك قەرزنى كېڭەيتىش، قەرز تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە يېتەكلەپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى دەل جايىدا ئۈنۈملۈك قوللاش كېرەك.
1
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى زىيارەت قىلىش داۋامىدا، جاڭ فۇچىڭنىڭ دوستى بىلەن تونۇشۇشتىن تۇنجى قېتىم تاراتقۇ خەۋىرى ئارقىلىق قەھرىمانغا يېقىنلاشقان كىشىلەرگىچە، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ نام - تۆھپىسىنى چوڭقۇر يوشۇرغان، ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرغان جاڭ فۇچىڭغا چىن كۆڭلىدىن قايىل بولغانلىقىنى ھېس قىلدى.
1
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - لائوس ئىككى تەرەپ «جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ھەرىكەت پىلانى»نى تۇتقا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.
1
مۇشۇنداق ياش قەھرىمانلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ! بىز ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشىغا زوقلىنىش ۋە قوللاش نەزەرى بىلەن قارىشىمىز، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھاياتتا كۆزگە كۆرۈنۈشىنى پائال قوللىشىمىز، ياشلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە نەتىجىلىرىنى مەدھىيەلىشىمىز، ئالقىش ياڭرىتىشىمىز، ياشلىق سىيماسىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن، زەپەر مارشى ياڭرىتىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان مەنزىرىسىگە ئايلاندۇرۇشىمىز، ياش قەھرىمانلارنى جۇڭخۇا مىللىتىنى ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ تېز قەدەم تاشلاشقا قوزغىتىدىغان جۇشقۇن كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك!
1
جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئۆزئارا «قەدىناس» دوستلار، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە باشتىن - ئاخىر قەتئىي ئۆزئارا قوللايدۇ.
1
تىياتىرخانىدا قىزغىن ئالقىش ۋە تەنتەنە ساداسى ياڭرىدى.
1
شى جىنپىڭ ئوت كۈچى ئارقىلىق زەربە بېرىش سىستېمىسى ئالدىدا قىزىل ئوقيا 10- ناملىق باشقۇرىلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئاپتوموبىلىغا چىقىپ ، قورال - ياراغ ئۇرۇش تاكتىكلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى تەپسىلىي سورىدى .
1
جۇڭگو تەرەپ ئىتالىيەنىڭ غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدى بىلەن جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، ئىتالىيە تەرەپ بىلەن بىللە تىرىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىپ، سودا ۋە ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ۋە پەن - تېخنىكا، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئىتالىيە مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى دوستلۇق ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىشنى خالايدۇ.
1
بىرىنچى، بىز ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقىغا ئىنتىلىشىمىز كېرەك.
1
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەر سىرتقا مۇنداق بىر ئېنىق سىگنالنى تارقاتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى دوستلار چەمبىرىكى بارغانسېرى زورىيىدۇ، ياخشى ھەمراھلار بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، ھەمكارلىق سۈپىتى بارغانسېرى ئۆسىدۇ، تەرەققىيات ئىستىقبالى بارغانسېرى ياخشى بولىدۇ.
1
جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ «ئۆزئارا تەھدىت شەكىللەندۈرمەسلىك» «ئۆزئارا ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇش، بىر - بىرىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئۆزئارا قوللاش» سىياسىي ئورتاق تونۇشىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشى كېرەك.
1
دوستانىلىق پۇقرالار ئەخلاق - پەزىلىتىنىڭ قۇياش نۇرى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئۇ، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئاكتىپ كۈچ قوشۇپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى سىلىقلىغۇچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.
1
سەھىيە نازارەتچىلىكى ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، كونتىرول قىلىش تارماقلىرى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر بويىچە تەكشۇرۇپ ، تەجرىبىخانىدا ئانالىز قىلىپ ، ھازىر دەسلەپكى قەدەمدە خېمىيىلىك دورىلاردىن بولغان يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ئىنكاسى دەپ بېكىتتى .
0
بۇ يىل ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن ئايشەم ئەلا سورتلۇق ئۇرۇقنى كۆرگەندىن كېيىن، غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.
1
2019- يىللىق مەملىكەتلىك 1- ماي ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكۈچى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى 5- كىلىنىكىلىق تېببىي شۆيۈەنى ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گۈلباھار مەمەتئېلى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە كەڭ ئەمگەكچىلەرگە تەشەببۇسنامە ئېلان قىلدى.
1
ۋۇ باڭگو مۇنداق دىدى: پارتىيىلەر ئارا مۇناسىۋەت جۇڭگو -سۇدان خەلقلىرىنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە دوستلىقىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم كۆۋرۈك بولۇپ قالدى.
1
لەيفېڭ ناھىيەلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ئىدارىسى ئۇچۇر توپلاش مەخسۇس بەنىنىڭ خىزمەتچى خادىمى نيې خەيبونىڭ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا جاڭ فۇچىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئېلىپ كەلگەن ماتېرىيالنى كۆرگەندە چىن قەلبىدىن ئىنتايىن ھەيران قالغانلىقى ۋە ھاياجانلانغانلىقى ھېلىھەم ئېسىدە.
1
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قەدىمىي، شانلىق مەدەنىيىتى بار بولۇپ، ھەم خاسلىققا، ئۆزگىچىلىككە ئىگە، ھەم ئىناق بىللە ئۆتتى، ئۆزئارا گىرەلىشىپ جۇلالاندى.
1
2019- يىلى 1- ئاينىڭ 6- كۈنى، شى شىمىڭ بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، تۇيۇقسىز مېڭە سەكتىسى قوزغىلىپ قالدى، تيەنجىن، شاڭخەي، شىنجاڭ ئۈچ جايدىكى داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزغان بولسىمۇ، ئاخىر كېسىلى ئېغىر بولغاچقا، 1- ئاينىڭ 14- كۈنى 43 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
0
5- ئاينىڭ 1- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ياپونىيە يېڭى تېننوسى دېرېنغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ تەختكە چىققانلىقىنى تەبرىكلىدى.
1
شىنجاڭنىڭ ئۆرۈك ئۆستۈرۈش تارىخى ئۇزاق، نۆۋەتتە تېرىش كۆلىمى ۋە مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
1
شى جىنپىڭ رۇەن چۈنفۇغا باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭغا سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى.
1
تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، دېلوغا چېتىشلىقلار ئالاقە تورى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەمدە پىتنە-ئىغۋا ۋە ساختا ئۇچۇر قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان يازما، سۈرەت، ئۈن-سىنلارنى تەرغىب قىلىپ، ساقلاپ، تارقىتىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى» «ئالاقە تور ئۇچۇرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىق قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدارلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.
0
مەلۇم بىر يىلى، 16 يۈەن ئىش ھەققى ئۈچۈن ئىككى كەنت ئاھالىسى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن توقۇنۇش يۈزبەرگەن.
0
«باش شۇجىنىڭ زور ئۈمىدى ۋە سەمىمىي تاپشۇرۇقى ماڭا ئىنتايىن يېقىنلىق ھېس قىلدۇردى، روھىمنى ئۇرغۇتتى.» قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ تۆگىچى يېزىسى قۇمباغ كەنتىدىكى ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش باشلامچىسى ئەكبەر مەمەت ھاياجانلانغان ھالدا ئۆزى باشلامچىلىق بىلەن قۇرغان باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەمدىلا ئىش باشلىغانلىقىنى، ھۆددىگە ئالغان كەنت قۇرغان زاۋۇتنىڭ ئەمدىلا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ خىرىسقا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
1
شى جىنپىڭ ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم شىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە: ئەمەلىي جەڭ ھەربىي مەشقىنى چىڭ تۇتۇپ، سەرخىل ئۇرۇش قىلىش كۈچلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.
1
خۇنەن چېڭلىڭجى پورتى شاڭخەي پورتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، شاڭخەينىڭ ئىلغار باشقۇرۇش ئىدىيىسى ۋە تىجارەت ئەندىزىسىنى كىرگۈزۈپ، ئىككى پورتنىڭ بايلىقىنى بىرلەشتۈردى.
1
ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا ئالاقىنى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قۇرۇلۇش يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كەسىپلەر توپلاشقان، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلانغان ئۇنىۋېرسال ئېففېكت شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
1
كەنت ئارىسىدىكى چىغىر يولغا دەل - دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى، سۈزۈك ئۆستەڭ سۈيى چاسا - چاسا كىچىك كۆلچەكلەرگە قۇيۇلاتتى، ئاپئاق ئاقارتىلغان تامغا سىزىلغان بەخت - سائادەت ۋە خۇشاللىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەلئارا رەڭلىك سىزمىلار كىشىگە تولىمۇ خۇشاللىق بېغىشلايتتى.
1
«مەن كىنو قويۇۋاتقىلى توققۇز يىل بولدى، ھازىر كىنو قويۇش ئۈسكۈنىلىرى ناھايىتى ئىلغار، دېھقانلارنىڭ كىنو كۆرۈش شارائىتىمۇ كۆپ ياخشىلاندى.
1
نىيۇتون بىلەن لېبنىز ئىنتېگرالنى بايقىغان چاغدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا 22 ياش ۋە 28 ياشتا ئىدى، دارۋىن يەر شارىنى ئايلىنىش سەپىرىنى باشلىغاندا 22 ياشتا ئىدى، ئېينىشتىيىن تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا 26 ياشتا ئىدى.
1
ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور سىياسەت - تەدبىرلەرنى يولغا قويدى.
1
«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ «تەرەققىيات يولى» بىلەن ئۇدۇللىشىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - موڭغۇلىيە - رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
1
مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن.
1
 مۇخبىرىمىز يۈ جياڭيەن خەۋىرى: شىنجاڭ نىمكەش ئاپتوموبىل بازىرى سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلىپ، بازار جانلىق بولدى.
1
مەركەز مۇھىت ئاسراش نازارەتچىلىكى گۇرۇپپىسى 4-تۈركۈمدىكى سەككىز ئۆلكە(ئاپتونوم رايون)غا نازارەتچىلىك پىكىرىنى ئىنكاس قىلىش جەريانىدا سۆزدە كەسكىن بولدى، يۈز ئايىماي مەسىلىلەرنى بىۋاستە كۆرسەتتى.
1
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىشىكىمىز ئالدىدا ئىشلەۋاتىمىز، زاۋۇت قۇرغاندىن پارنىك سالغان ياخشى، دېيىشىدۇ» كەنت ئاھالىسىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى.
1
ئىككى دۆلەت ئىجتىمائىي تۈزۈمدىن، تەرەققىيات باسقۇچىدىن، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى جەھەتتىكى پەرقتىن ھالقىغان ھالدا، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتسە ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچلىرىنى تولۇق قازسا بولىدۇ.
1
چىلى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى قوللايدۇ، رايونلارنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
1
«ئەڭ ئاساسلىقى ئاسانلا سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.» كارخانا مەسئۇلى باش شۇجىغا مۇنۇلارنى ئېيتىپ بەردى: 20- ئەسىرنىڭ 70- ، 80- يىللىرىدا، زور مىقداردىكى يەر يۈزى توپىسىنى قېزىشقا توغرا كەلگەچكە، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، تاغ كۆچۈش ھەرىكىتى شەكلىگە ئوخشاش، ئاسانلا سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
0
لېكىن يەنە ئويلىمىغان مەسىلىلەر يۈزبەردى، ئۆستەڭنى چېپىپ بولغاندىن كېيىن، سۇ سىڭىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى بولمىغاچقا، سۇنىڭ يېرىمى يەرگە سىڭىپ كېتىپ، ئورمان بەلبېغىنى تەمىنلەيدىغان سۇ مەنبەسى ناھايىتى چەكلىك بولدى.
0
جۇڭگودا، خەلقنى ئاساس قىلىش ۋە قانۇن-تۈزۈم ئىدىيەسى ئەزەلدىن بار، نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنلا «پۇقرالار دۆلەتنىڭ ئاساسى، خەلق خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرسە، دۆلەت تىنچ بولىدۇ» دېگەن سۆز بار.
1
بۇرۇن كېلىشتۈرۈپ قويغان كىشىلەر دائىم بالىلىرىنى ئېلىپ پېنسىيەگە چىققان ھەجىخاننى يوقلاپ كېلىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقاچ تاماق يەۋاتقان بەختلىك كۆرۈنۈشى، شۈبھىسىزكى بۈگۈنكى يارمەھەللە كەنتىنىڭ ئىناق تەرەققىياتىنىڭ بىر كارتىنىسىدۇر.
1
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: زۇڭلى ئەپەندى بۇلتۇر 11- ئايدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ جۇڭگو - پاكىستان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
1
30 ياشلىق بىر يەھۇدىي ئوقۇتقۇچى بىلەن ئۇنىڭ 3 ياشلىق ۋە ئالتە ياشلىق ئىككى ئوغلى ھەمدە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ 7 ياشلىق قىزى بەختكە قارشى ئوق تېگىپ ئۆلگەن.
0
باش تېما تەربىيەسىنىڭ مول نەتىجە - ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
1
ھالبۇكى، بىرقانچە يىل ئىلگىرى ئايشەم كېۋەز تېرىشقا بەك قىزىقىپ كەتمەيتتى.
0
جۇڭگو پورتۇگالىيەنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمراھى دەپ قارايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا، سېلىنما، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، توك ئاپتوموبىلى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.
1
بۇلتۇر 4-ئايدا ئەسەبىي تەشكىلات مىسىرنىڭ تەنتا ۋە ئالىكساندېر چېركاۋىدا پارتىلىتىش ھۇجۇمى قوزغىغاچقا مىسىر جىددىي ھالەتكە كىردى.
0
بۇ بىزنىڭ سەھرا تۇرمۇشىغا بولغان تەلپۈنۈشۈمىزنى قاندۇردى ، بۇ بىر ياخشى ئىش .
1
توقسۇ قۇملۇق گۈل دېڭىزى مەنزىرە رايونى «يېرىم قۇملۇق، يېرىم گۈللۈك»تەك ئاجايىپ مەنزىرىگە تايىنىپ، تېز سۈرئەتتە جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى.
1
قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنى ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ، ئامما بىلەن بولغان ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سىياسىي پەزىلەتنى تاۋلاپ، خەلقنىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى تاماملاش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.
1
جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەيدىغان روشەن يۆنىلىشنى تۇرغۇزۇپ، بارلىق مەكتەپ باشقۇرۇش پائالىيىتىدە دىققەتنى جەڭ قىلالايدىغان بولۇش، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك.
1
مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى (بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە: 2018- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا پاتېنت ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇشتىن پايدىلىنىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەن، قەرز سوممىسى 410 مىليون يۈەن بولغان.
0
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 4- ماي ھەرىكىتىدىن بۇيانقى 100 يىل جۇڭگو ياشلىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ ئىلگىرىلىگەن 100 يىل، جۇڭگو ياشلىرى ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارى ئارقىلىق ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان جۇڭگو، ياشلىق باھارى ئۇرغۇغان مىللەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن 100 يىل.
1
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جياڭ جيېمىننىڭ خىزمەتتىكى قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ ، باشقىلارغا پايدا يەتكۈزگەنلىكى ، زور سوممىلىق پارا ئالغانلىقى مەلۇم بولدى.
0
ئىران دۆلەت تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىلگىرى بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىنقى نامايىشتا 530 ئادەم قولغا ئېلىنغان.
0
ئايشەمنىڭ ئوغلى نۇرەخمەت ئابلەت ئىلگىرى كەنتتىكى نامى چىققان ھۇرۇن ئىدى، ھەر كۈنى لاغايلاپ يۈرەتتى.
0
نىگېر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىنى قوللايدۇ.
1
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ھەمكارلىشىش - ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت چېكىنى توغرا ئىگىلەپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىنىڭ سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
1
جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ۋىنسوئىلا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بويان بولۇپمۇ 2001-يىلى ئىككى دۆلەت ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بويان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋېتى ئومومىيۈزلۈك تېز تەرەققىي قىلدى ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز-ئارا ئىشىنىش چوڭقۇرلاشتى، ئەمەلىي ھەمكارلىقى داۋاملىق كېڭەيدى.
1
تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنى «كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈش، كىتابنى كۆپ ئوقۇش، ياخشى كىتاب ئوقۇش»تەك كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش ئۈچۈن، 4- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن دۇڭسەن رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ مىچۈەن دۇڭسەن جەنۇبىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تۇڭشىن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى «كىتاب ئوقۇپ تۇرمۇشنى بېيىتىش، بىلىم بىلەن قەلبلەرگە ئىلھام بېرىش» دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى باش تېمىسىدىكى كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شۈيتاشەن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىتتىپاق مەھەللىسى «كىتاب ئوقۇپ ھاياتلىقنى يېتەكلەش، كىلاسسىك ئەسەرلەر تۇرمۇشقا كىرىش» كىتاب ئوقۇش - ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
1
«يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»دىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىلمىي پىلانلاش، توغرا يولنى تاللاش، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى تېز، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەۋزەللىكىنى تەدرىجىي نامايان قىلدى.
1
يېزىلاردىن شەھەرلەرگىچە، ئورگان، مەھەللىلەردىن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا كارخانا، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغىچە «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»نى دائىملاشتۇردى، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چېنىقىشنى كۈچەيتتى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش تارىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.
1
جۇڭگو ھازىر مېڭىۋاتقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى 5000 يىللىق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدىن ئايرىلمايدۇ، شۇنداقلا بۇنى جۇڭگو خەلقى قىيىنچىلىق، جاپا - مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، كۈرەش قىلىپ ئىزدىنىش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگەن، بۇ، ماركسىزم ئاساسىي قائىدىسىنىڭ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى ۋە بۈگۈنكى دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۆزئارا بىرلەشكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى، ئۇ، تارىخىي مۇقەررەرلىك، خەلقنىڭ تاللىشى.
1
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلتۇر 7- ئايدا مەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلاپ، جۇڭگو - ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچقانىدۇق.
1
يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى يەنە تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى تېخنىكىنىڭ يېزىلارغا تېز سۈرئەتتە كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
1
تيەنجىن تېخىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىدىيە، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن ئارزۇ بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېڭى دەۋرگە قۇچاق ئېچىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېڭى ئىقتىساد بەرپا قىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېڭى تۇرمۇش يارىتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «تيەنجىن ئاقىل پورتى» قۇرۇشنى تېزلىتىدۇ.
1
مەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل - ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، مەقسىتىم بۈگۈنكى دۇنيادا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا جۇڭگو لايىھەسى بېرىش، بۇ، 64 يىل ئىلگىرى جۇڭگو - ھىندونېزىيە ئورتاق تەشەببۇس قىلغان «باندۇڭ يىغىنىنىڭ ئون تۈرلۈك پىرىنسىپى» بىلەن تومۇرداش.
1
يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرى بۇ دەۋرنى قەدىرلەپ، دەۋر بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش جەريانىدا چېنىقىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، ياشلىق باھارىنى يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ بىپايان زېمىنىدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشى، كىشىلىك ھاياتىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش داۋامىدا باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىنىشتەك جەسۇرانە قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن بولۇشى كېرەك!
1
«كەنتىمىزدىكى 77 نامرات ئائىلىنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى!» دېدى 5- ئاينىڭ 22- كۈنى مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇمقۇسار يېزىسى تۆۋەن خادىلىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئىمىن نەمەت خۇشال ھالدا.
1
تەرەققىياتنى تۇتۇش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئاممىنى قىلىدىغان ئىش بولۇش، پۇل تاپالايدىغان بولۇش، ئۈمىدۋار بولۇش، كۈنلىرىنى بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزىدىغان قىلىشىمىز كېرەك.
1
ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ۋە 60 مىڭدىن ئارتۇق ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چىڭ ئىگىلەپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇدىرلار يىغىنى ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە پائال قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىش، تەشكىللەشنى تەتقىق قىلىپ قارار قىلدى.
1
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 25- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4- ئاينىڭ 24- كۈنى ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى رۇەن فۇجۇڭغا تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ۋىيېتنامنىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى لى دېيىڭنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى، ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
0
2014- يىلى 4- ئاينىڭ 28- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتىگە كېلىپ، كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، كەنت ئاھالىسى ئابدۇقېيۇم روزى ئائىلىسىگە كىردى، بۇنىڭدىن بىر ئائىلە كىشىلىرى قەۋەتلا خۇش بولدى.
1
2008- يىلى 8- ئايدىن 2018- يىلى 2- ئايغىچە، ما شېنخۇا تولى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان مەزگىلدە، جەمەت كۈچىدىن پايدىلىنىپ، شۇ جايدا زومىگەرلىك قىلىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتى ئىنتىزامىغا كۆپ قېتىم خىلاپلىق قىلىپ، زىياپەت بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاۋاز توپلاپ، پارا بېرىپ سايلىنىپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان؛ ئوخشاش بولمىغان پىكىردىكى سايلىغۇچىلارغا تەھدىت سېلىپ قورقۇتقان ھەم سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ زەربە بېرىپ ئۆچ ئالغان؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ياردەم مەبلىغىدىن 216 مىڭ يۈەننى ئالداپ ئېلىۋالغان ۋە ئىگىلىۋالغان.
0
ئۇنىڭدىن باشقا، يۈ خۇيدا يەنە تۇرالغۇغا قانۇنسىز بېسىپ كىرىش، مەجبۇرىي سودىلىشىش قاتارلىق ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەرمۇ ساقلانغان.
0
ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى ئابلەت ئابلىمىت مۇنداق دېدى: 4- ماي ھەرىكىتى جاھانگىرلىككە، فېئوداللىققا ئۈزۈل - كېسىل قارشى تۇرۇشتەك ئىنقىلابىيلىقى، ۋەتەننى قۇتقۇزۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ھەقىقىتىگە ئىنتىلىشتەك ئىلغارلىقى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئامما ئاكتىپ قاتناشقانلىقىدەك كەڭ دائىرىلىكلىكى بىلەن جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.
1
نامراتلىق ۋە قالاقلىقنىڭ كەنت ئاھالىلىرىگە ئېلىپ كەلگىنى ماددىي بايلىقنىڭ كەمچىل بولۇشىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى، روھىي ۋە ئىرادە جەھەتتىكى چۈشكۈنلۈك ئىدى.
0
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى، جۇڭگو ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىللە ئاسىيانىڭ يېشىل تەرەققىياتى ۋە سىجىل تەرەققىىياتىنى ئالتە جەھەتتە ئىلگىرى سۈرىدۇ.
1
«يولداش جاڭ فۇچىڭنىڭ قالتىسلىقى ئۇنىڭ قەلبىدە پەقەت پارتىيەلا بارلىقىدا، پەقەت دۆلەتلا بارلىقىدا، پەقەت خەلقلا بارلىقىدا؛ ئۇنىڭ ئاددىيلىقى ئۇنىڭ ئەزەلدىن ئۆزىنى ئويلىمىغانلىقىدا.
1
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۈنۈگۈن 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېپىلدى.
1
كىرىم - چىقىمنى ئېنىق ھېسابلاپ، سىياسەتنى ئېنىق بىلىۋالغاندىن كېيىن، ماخمۇتنىڭ ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشتى.
1
رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ شانلىق تارىخىنى قايتا نامايان قىلدى، يېڭى دەۋردە دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.
1
قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسى ئاچچىق يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ سابىق ساقچىخانا باشلىقى ئابدۇماناپ غوپۇرنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرگە «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولۇش قاتارلىق مەسىلىسى.
0
رەڭگارەڭ يېڭى تۇرمۇش
1
خەلقئارا، رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك.
1
جۇڭگو تەرەپ ئەرمېنىيە تەرەپ بىلەن بىللە، ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، رايون تەرەققىياتى، ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
1

No dataset card yet

New: Create and edit this dataset card directly on the website!

Contribute a Dataset Card
Downloads last month
3
Add dataset card